باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلار ئىلىمىي تەرەققىيات تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2013.07.02 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى بىر قىسىم مىللىي ئاپتونوم ناھىيەلەر، خوشۇنلار دۇچ كەلگەن تەققىيات قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1-ئىيۇل چۇڭچىڭنىڭ شيۇشەندە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلار ئىلىمىي تەرەققىيات تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلاردا ئۆز قەرەلىدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىلىمىي تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە 120 ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇن بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللىي رايونلارنىڭ %11 نى ئىگىلەيدىكەن، ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ %21 نى ئىگىلەيدىكەن. مۆلچەردىن ئايان بولۇشىچە، ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلارنىڭ كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىغا يەتمەيدىكەن.

  يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلار ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە، بۇ ئاساسلىقى تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچار بولۇشى، تەرەققىيات ئاساسىي ئاجىز بولۇش، خىيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە مىللىي مەسىلىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى قاتارلىق مۇرەككەپ سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان. بۇلار ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت، تەكشى، تېزرەك راۋاجلىنىشىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلغان.

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ناۋادا مىللىي رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى قىيىن، ئېغىر نۇقتا دەيدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلار بۇ مۇھىم نۇقتىنىڭ ئەڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلار ئۆز رايونىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىلىمىي تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشى، مۇھىمى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ناھىيە ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، نۆۋەتتىكى ئىلىمىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى بۆسۈش ئېغىزىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇنلار ئىلىمىي تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، يېڭى ئىقتىسادى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك، ئۆزگىچە كەسىپلەر بولۇپمۇ ئۆزگىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى شەكىللەندۈرۈشى؛ ئۆزگىچە بايلىقنى قېزىپ چىقىپ، مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلىشى؛ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈشى؛ تۈزۈلمە مىخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشى؛ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە ئىلغارلارنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە