باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ئىقتىسادى نۇسخىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى(2)

2013.06.19 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىگە ئالدىراتماقتا. بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيىلىك سىنىشىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارا رىقابەتتە ئالدىدا ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۆرە، كەينىدە يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەردىن ئىبارەت يولۋاسنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇش ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى مەنپەئەتىنى بۆرىگە تايىنىپ ساقلىماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قايتىدىن قايتىش ئىستراتېگىيىسىگە بولغان ئىنكاسى. سىياسىيونلار ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي دەسمايىغا ئېرىشىشنى كۈتمەكتە، بۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېتىم قالمىغانلىقى، قايتىدىن دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بارروسو ئۈچىنچى قېتىم ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى قوغلىشىۋاتقاندا سىياسىي دونى ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىگە تىكتى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەت نىشانى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. بازارغا كىرىش، ماسلاشتۇرۇش، دۇنياۋى ئۆلچەم تىكلەش قاتارلىق ئۈچ خىل شەكىل ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال بىلەن ئېكسپورت ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقاندا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئېكسپورتقا تايىنىشى كېرەك، شۇڭا ئۇ كۈچىنى ئەركىن سودا كېلىشىمىگە قاراتتى، بولۇپمۇ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىستراتېگىيىلىك قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئەڭگۈشتەر دەپ بىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئۇچرىغانلا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ قوينىغا ئاتتى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاسىيادا جۇڭگو بىلەن كورىيەنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سىنگاپور بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى، ياپونىيە، ھىندىستان، ۋيېتنام، مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قايتىپ كېلىش ئىستراتېگىيىسىگە ماسلاشتى.

  تاموژنا بېجىنى كېمەيتكەندىن باشقا، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى سۆھبىتىدە نوقتۇلۇق ھالدا بازارغا كىرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىسى، غەيرى تاموژنا بېجى قورغىنى ھەمدە بازار بەلگىلىمىسى قاتارلىق ئۈچ ھالقىلىق مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا مەھسۇلات تېخنىكىسى ئۆلچىمىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلسا، بۇ يەر شارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇھىم تەسىر پەيدا قىلىپ، يېڭى خەلقئارا ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ. ناۋادا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنسا، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى يېڭى خەلقئارا سودا، مەبلەغ سېلىش بەلگىلىمىسىنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل يەرشارىلاشتۇرۇش قائىدىسىنى تۈزۈشكە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ يەرشارىلاشتۇرۇشقا قاتنىشىش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈۋېتىدۇ.

  ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى نەزەرىيە جەھەتتىن جۇڭگونى چەتكە قاقالمايدۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى پەرقى كىچىك بولغاچقا ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭگونى ئىستراتېگىيىلىك قىسىش ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. جۇڭگو غەربكە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ مەسىلىنى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ياكى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئارقىلىق ھەل قىلىش ياكى قىلالماسلىق جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەقىل-پاراسىتىنى سىنايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە