باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا سۇرىيە ۋە چاۋشيەن مەسىلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى

2013.04.16 10:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 10-ئاپرېل لوندوندا ئېچىلدى.

  ساھىبخان دۆلەت ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خېككىر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا سۇرىيە كرىزىسى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق قىزىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە ، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، ئەنگلىيە بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ رەئىس دۆلىتى. بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىچىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى ئايدىن كىيىن سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈلىدۇ . بۇ يىللىق سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 6-ئاينىڭ 17-، 18-كۈنلىرى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيەنىڭ غەربىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە