شۇ جاي ۋاقتى 2013-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ھىندونېزىيە شىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان بىر ئايروپىلانى ئۇچۇش-قونۇش يولىدىن چىقىپ كېتىپ دېڭىزغا كىرىپ كەتكەن. بەختكە يارىشا يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزىۋېلىنغان، ئۆلۈش-يارىلىنىش بولمىغان.
شىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شۇ كۈنى كەچتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەن بوئىن 737—800 تىپلىق ئايروپىلاننى شىر ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۇ يىل 3-ئايدا يېڭىلا سېتىۋالغان، ئىشلەتكەن ۋاقتى 2 ئايدىن ئاشىمىغان بولۇپ، ئايروپىلان ھالىتىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. شۇنىڭدەك بۇ قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان باشلىقىنىڭمۇ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى، تەجرىبىسى مول بولۇپ، شۇ كۈنكى ئۇچۇش ۋاقتى ئەڭ يۇقىرى چەك بولغان 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتمىگەنىكەن. نۆۋەتتە بۇ شىركەت دۆلەت قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈۋېتىپتۇ.