باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس پەلەستىن باش مىنىستىرى فايىزنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى

2013.04.16 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: پەلەستىندىكى خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە. پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 13-ئاپرېل باش مىنىستىر فايىزنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغان.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ئەربابنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە: ئابباس شۇ كۈنى فايىز بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ تاپشۇرغان ئىستېپانامىنى قوبۇل قىلغان، بىراق ئۇنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

  پەلەستىندىكى ئىككى چوڭ سىياسىي گۇرۇھى بولغان پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى فاتاخ بىلەن غەززا رايونىنى كونترول قىلىپ تۇرغان ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ تىنچ يارىشىشىدە ئىلگىرلەشلەر بولمىغانلىقتىن، پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ھازىرغىچە بېكىتىلمەي كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە