باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا يېڭى قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالدى

2013.04.15 14:18        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرئەتتە: مۇتەخەسىس دىتەن دوختۇرخانىسىدا بىمارنى داۋالىماقتا. (12-ئاپرېل تارتىلغان). فەن مىڭجاڭ فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى)
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 13-ئاپرېل سەھەردە، جۇڭگو كېسەللىك مۇداپىيە-كونترول مەركىزىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى H7N9 قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىمار تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن.

  بىمارنىڭ ئىسمى ياۋ xx، قىز، يەتتە ياش، بېيجىڭ شەھىرى شۇنيى رايونى خۇشاگۇ بازىرى گۇچېڭ كەنتىنىڭ مەركىزىي كوچىسىدا ئولتۇرىدۇ. بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە