باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا سۇرىيەدە نەچچە ئون سارىن بومبىسى بارلىقىنى، ئىككى سائەت ئىچىدە زەھەرلىك گاز ئورۇشى قوزغىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

2013.01.10 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ماتېرىيال سۈرەت: زەھەردىن ساقلىنىش ئۈسكىنىسى تاقىۋالغان سۈرىيەلىك ئەسكەر
  2012-يىلى 12-ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۇيۇقسىزلا سۈرىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ قىزىل سىزىقىغا دەسسەشتىن، خىمىيەۋى قورال ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭلار، دېدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»دە 8-يانۋار مۇنداق خەۋەر بېرىلدى، ئامېرىكىنىڭ تۇيۇقسىز ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىشىگە بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى بىر دوكلات سەۋەپچى بولغان. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنادىن ئوباماغا يوللانغان بىر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: سۈنئىي ھەمراھ يوللىغان سۈرەتلەردىن ئىگىلىنىشىچە، سۈرىيە تەركىۋىدە سارىن زەھەرلىك گازى بولغان «نەچچە ئون 500-1b تىپلىق پارتلاتقۇچ بومبا»غا ئىگە بولغان.

  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى زۇڭتۇڭ ئوباماغا دوكلات قىلىپ مۇنداق دىگەن، بۇ پارتلاتقۇچ بومبىلار سۈرىيە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا يېقىن جايدىكى ماشىنىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەگەر سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر بۇ خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدىغان بولسا، بۇ بومبىلار ئىككى سائەت ئىچىدىلا ھەرىكەتكە كېلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە