مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نېگىزنى تۇتۇپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2020.09.08 15:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايون كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

  نېگىزنى تۇتۇپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ ۋە ئالماشتۇرۇلۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر پىلانلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئىنچىكە ئىشلەش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا، زاپاس كۈچكە ئىگە بولۇشىغا، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلارنى يېتەكلەش سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كىرگۈزۈش، مەنپەئەت باغلىنىشى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە مۈلۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە ئاچقۇچلۇق ھالقىنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇرتىغا قايتقانلارغا ياردەم بېرىش، يۆلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى كەم - كوتسىز ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خۇلاسىلەش، تەشۋىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقانلار سىندىن خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئاقتۇ ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق فىلىمنى كۆردى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ بو، ۋەن خەيچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ