مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2020.09.08 15:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 8 - قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش سىن يىغىنى ئاچتى

  ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

  9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 8 - قېتىملىق ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىن ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى تۆت ئېيىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەتتە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى روشەن بولدى، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىلچە بوشاشماي دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپنىڭ ئايلىنىشى، بازارنىڭ ئايلىنىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىك ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال، ئىمپورت - ئېكسپورت قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدىكى توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاك - دۇرۇس ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۇەننىڭ سىلىڭيۈەنى پېڭ جيارۇي يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ