مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە كۆپەيدى  ئالدىنقى يېرىم يىلدا قاتناش قېتىم سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

2020.07.13 17:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە كۆپەيدى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا قاتناش قېتىم سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتى چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن جەمئىي 2128نى، 192 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئومۇمىي سانىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى.

  مۇخبىرنىڭ ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھاۋا تىرانسپورتى، دېڭىز تىرانسپورتىدىن يۆتكەلگەن مال مەنبەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئالاتاۋ پورتى چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 1 مىليون 461 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76.85 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە پورتتىن چىققان نۆۋەتچى پويىز 1288 قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 700 مىڭ 700 توننا؛ پورتتىن كىرگەن نۆۋەتچى پويىز 840 قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 760 مىڭ 600 توننا بولغان.

  جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ پورتى ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچى خادىمى يەن خۇاپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قارىتا، بىز ئالدىن گۇرۇپپىلاش، ئالدىن چېتىپ توشۇش، ئالدىن يولغا سېلىش، توشۇشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى تېزلەتتۇق. «ھازىر، ۋوگزال ھەر كۈنى كۈتۈۋالىدىغان، يولغا سالىدىغان پويىز 27 جۈپكە يەتتى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 جۈپكە يەتتى».

  ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا قارىتا، 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يۈك تىزىملىكىنى بىرلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتتى، «بىرلەشتۈرۈش» مەشغۇلاتىنى يولغا قويۇپ، مەيدان ئالماشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ دەلىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتىنى 14 سائەتتىن ئەڭ تېز بولغاندا ئالتە سائەتكە قىسقارتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ