مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا 5G تورى بىلەن بىرتۇتاش قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2020.07.07 17:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ

  ئاساسلىق شەھەر رايونىدا 5G تورى بىلەن بىرتۇتاش قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋلۇڭ، جاۋ گې) شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن شەھەرنىڭ شىمالىغىچە، ئايروپورتتىن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋوگزالىغىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مىڭلىغان 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا 5G تورى بىلەن بىرتۇتاش قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مۇخبىرلارنىڭ 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرى 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 2379نى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 1861نى قۇرۇپ چىققان. نۆۋەتتە، 5G تۆمۈر يول ئىدارىسى سودا چەمبىرىكى، دوستلۇق سودا چەمبىرىكى، شياۋشىگوۋ سودا چەمبىرىكى، جۇڭسەن يولى سودا چەمبىرىكى، خۇاڭخې يولى سودا چەمبىرىكى، مىدۇڭ سودا چەمبىرىكى، نەنخۇ سودا چەمبىرىكى، ئايروپورت لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى قاتارلىق ئادەم ئېقىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان سودا رايونلىرى ھەم ئاساسلىق شەھەر رايونىنى بىرتۇتاش قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  «ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ئاساسىي جەھەتتىن 5G تور سىگنالىنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ.» جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى شۆبە شىركىتى قۇرۇلۇش مەركىزىنىڭ تۈر دىرېكتورى بەي تاۋ مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بۇ يىل قۇرۇلۇش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل كېيىنرەك بولدى، لېكىن قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئازراقمۇ ئاستا بولمىدى. شۆبە شىركەت 38 كۈندە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 902نى ئاچتى. 4 - ئايدىلا ئاساسىي پونكىتتىن 700نى قۇرۇپ چىقتى».

  2019 - يىلى جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسى جەمئىي 126 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 518نى قۇرۇپ چىقتى. شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە 5Gنى سودىغا ئىشلىتىدىغان 50 شەھەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، سودىغا ئىشلىتىدىغان 5G مۇلازىمىتىنى رەسمىي يولغا قويدى.

  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بىر تىجارەت زالىدا، دىرېكتور جاڭ لى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: 5G كەسپى ئەمدىلا ئېچىلغاندا، تىجارەت زالىمىز كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدىن 20نى بېجىرەلەيتتى، بۇ يىل 4 - ئايدىن بۇيان، 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى بېجىرىش مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50كە مۇقىملاشتى.

  خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 5G ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 234 مىڭ 300گە يەتكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئاۋات بولغان تۆمۈريول ئىدارىسى سودا چەمبىرىكىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يان تېلېفون سېتىش مەخسۇس پوكىيىنىڭ پىرىكازچىكى شا خاۋ ساتقان ھەر ئون يان تېلېفوننىڭ ئالتىسى 5G يان تېلېفونى ئىكەن.

  «ئەگەر 5G يان تېلېفونىنىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىسە، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەققىدە ئېتىبار بېرىش سالمىقى تېخىمۇ زورايسا، 5G ئابۇنىچىلىرى چوقۇم بارغانسېرى كۆپىيىدۇ» دېدى شا خاۋ.

  بۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەزى كارخانا ۋە ئورۇنلار 5G تورىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، كۆمۈر كان قېزىش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.

  بۇ يىل 4 - ئايدا بېسىپ تارقىتىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) تۇرۇشلۇق شەھەرلەرنى يادرو قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا 5Gنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، سانائەت، ساياھەتچىلىكتە 5G تورىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىش ھەم قوللىنىش، دىققەتنى سانائەت باغچە رايونى ۋە 3Aدىن يۇقىرى ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر توپلىنىش رايونىنىڭ 5Gنى قۇرۇش، ئەمەلىي قوللىنىش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 5Gنىڭ قوللىنىش ئورنى ۋە قوللىنىش ساھەسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، تەدرىجىي كېڭەيتىش شەكلىدە 5G تورىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى كەسپى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ