مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

2020.07.07 17:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  7ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، بۇ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتىپىدىن تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي داشۆگە ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ نامى بۇرۇن شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بولۇپ، 1993-يىلى قۇرۇلغان، 27 يىللىق قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق ئۇچۇر، ئېلېكترون، سودا قاتارلىق كەسىپلەر ماس تەرەققىي قىلغان كەسپىي مەكتەپكە ئايلانغان. ھازىر بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 13 مىڭ 500دىن ئاشىدۇ، تولۇق كۇرس، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم(مەخسۇس كۇرس) كەسىپىدىن 49ى بار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۇدا %95تىن يۇقىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا نۇرغۇن ئەمەلىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

  بۇلتۇر 12-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى بولدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مائارىپنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 21 مەكتەپىنىڭ بىرى قىلىندى. شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى ۋە پۇقراۋى مائارىپ سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئالىي مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. مەكتەپ تولۇق كۇرس دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ