مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز 19 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى

2020.06.30 17:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، دىققەتنى كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش جەريانىدىكى ئاغرىق نۇقتىسى ۋە توسۇق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ۋە قوللىنىشچانلىققا ئىگە 19 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ كاپىتال بازىرىغا تايىنىپ ئەلالىشىپ كۈچىيىشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن.

  پېيى بازارغا سېلىنىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك زاپاس بايلىقنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە، «يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، پېيى بازارغا سېلىنىدىغان كارخانىلارنى ساھەگە ئايرىپ، كەسىپكە ئايرىپ، بۆلەككە ئايرىپ دەل جايىدا يېتىشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە كېڭىشىش سۇپىسى قۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەرزنى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى سىجىل كېڭەيتىپ، پېيى بازارغا سېلىنمىغان پاي چەكلىك شىركەتلىرىنىڭ پېيىنى تىزىملاپ ھاۋالىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پاينى بازارغا سېلىشنى ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، «يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مۇكاپات، تولۇقلىما مەبلىغى ئاجرىتىش، يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەشتە ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويۇش، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، دۆلەت مۈلكى ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە پېيى بازارغا سېلىنىدىغان كارخانىلارغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىشى كېرەك.

  پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت، يېڭى ئۈچ بۆلەكتە ۋىۋىسكا ئاسقان شىركەتلەرگە قارىتا، «يولغا قويۇش پىكرى»دە بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، شىركەت ئىدارە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، شىركەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ھەقىقىي قوغدالدى.

  «يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە پاينى بازارغا سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى قۇرۇشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، ئەنگە ئېلىش، تىزىملاش ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن، پېيى بازارغا سېلىنىدىغان كارخانىلارغا قارىتا، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر بىر رەھبىرىي كادىرنى ئۇلارغا «بىرگە بىر» ئالاقىلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەشكە ئەۋەتىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ