مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېشەكنىڭ «مەيداندىن چېكىنىش»ىدىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش

2020.06.29 13:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جاڭ بېي

  بازاردا، نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتى يېنىدا... ئېشەك ھارۋىلىرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولدى، ئەتراپقا نەزەر سالساق توكسىكلىت، موتوسىكلىت ۋە كىچىك ئاپتوموبىللار − يېقىندا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر پارچە خەۋىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى قاتناش قوراللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىنغان. بۇ جانلىق تۇرمۇش مەنزىرىسى بىزگە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يۈگۈرەۋاتقاندىكى كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى ھېس قىلدۇردى.

  ئېشەكتىن «توك ئېشەك»كىچە، بۇ قارىماققا قاتناش قوراللىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئەكس ئەتكىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىدەك خۇشاللىنارلىق پاكىت. قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول ھەربىر يېزا، ھەربىر شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتكىچە تۇتۇشۇپ، ئەسلىدىكى ئېشەكلا ئۆتەلەيدىغان ئوڭغۇل - دوڭغۇل چىغىر يوللارنى كەڭرى ئاسفالت يوللارغا ئايلاندۇردى. مەيلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بولسۇن، ياكى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىش بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يانچۇقى تومپايغان ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان زامانىۋىلاشقان قاتناش قوراللىرىنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئاستا ماڭىدىغان ئېشەك ھارۋىسى ئەسلىمە ياكى ساياھەت - مەدەنىيەت بەلگىسى بولۇپ قالدى، ئورنىنى ئالغىنى توك بىلەن ئۇچقاندەك تېز ماڭىدىغان زامانىۋىلاشقان قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە بېرىش بولدى، سىرتتىكى تېخىمۇ كەڭ دۇنياغا بېرىپ تىرىشىش بولدى، زامانىۋىلىشىشنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىغا ئېلىپ كەلگىنى تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، نەزەر دائىرىسىنىڭ ئېشىشى ۋە دەۋر ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى بولدى، بۇ خىل ئىدىيەۋى قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى.

  دېمەك، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كوچا - كويلاردا قاتناش قوراللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىزگە شۇ جايدىكى ئامما تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ يېزا - كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشتەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھى، تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىشتەك ئىشەنچى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا تىرىشىپ يۈگۈرۈشتەك سۈرئەت تېزلىتىشىنى كۆرسەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ