مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يوپۇغا ناھىيەسىدە 108 مىڭ مو ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىش باشلاندى

2020.06.29 13:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يازلىق يىغىم بىلەن يازلىق تېرىقچىلىقنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسى «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئورۇلۇپ بولغان بۇغداي يېرى، ئارپىبەدىيان يېرىدىن پايدىلىنىپ، ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتىنى باشلىدى.

  تېرىم بازىرىنىڭ يىلتىزلىق كەنتىدە چوڭ تىپتىكى تىراكتور، سېيالكىلار ئېتىز بېشىدا يەر تۈزلەش، كۆممىقوناق تېرىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى ئوسمان نازىم «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئارپىبەدىيان ئورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىككى كالا، سەككىز قوي باققان بولۇپ، ئېڭىزغا تېرىلغان كۆممىقوناق ئائىلىسىنىڭ چارۋىلارنى بوردايدىغان مۇھىم ئوزۇقى بولۇپ قالدى. «بۇ ئېتىزدا مېنىڭ ئۈچ مو ئارپىبەدىيانىم بار، بۇ يىل ئارپىبەدىياندىن 5000 يۈەن كىرىم قىلدىم. ھازىر بۇ يەردە كۆممىقوناق تېرىلىۋاتىدۇ، كۆممىقوناق پىشقاندىن كېيىن، شاخ-شۇمبىلارنى زاپاس يەم-خەشەك قىلىپ، چارۋا بوردايمەن، ئېشىپ قالغىنىنى سېتىپ ئۆي سەرەمجانلىرىغا ئىشلىتىمەن.» دېدى ئوسمان.

  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، يوپۇغا ناھىيەسى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تىرىك چارۋا سودا بازىرى، نەسىللىك كۆپەيتىش مەركىزى، چارۋا، باقمىچىلىق رايونى قاتارلىق باقمىچىلىق تۈرلىرىنى پىلانلاپ ئىشقا كىرىشتۈردى، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىشى، قېلىپلىشىشىغا ئەگىشىپ، زاپاس يەم-خەشەككە بولغان ئېھتىياج كۆپىيىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقى ئاشتى. بۇ يىل، ھەر قايسى يېزا-بازارلار چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە GPS يول باشلاش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  تېرىقچىلىق ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەكرار تېرىشنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، بۇ ناھىيە يەنە دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ ياردەم بېرىشكە پائال ماسلاشتۇرۇپ، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر، پۈتۈن ناھىيەدە 108 مىڭ مو ئېڭىزغا كۆممىقوناق تېرىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە، مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ