مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلق ئوزۇقلۇق ھەپتىلىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى

2020.05.19 16:42 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە ئېلىمىزنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق ئوزۇقلۇق ھەپتىلىكى، شۇنىڭدەك 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 31-قېتىملىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق كۈنى. 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭدا 2020-يىللىق ئومۇمىي خەلق ئوزۇقلۇق ھەپتىلىكى ۋە «20 - ماي» جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى، مۇتەخەسسىسلەر توردا چۈشىنىكسىز مەسىلىلەرگە تولۇق چۈشەنچە بەردى ھەمدە ساغلاملىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ يىلقى ئومۇمىي خەلق ئوزۇقلۇق ھەپتىلىكىدە «مۇۋاپىق تاماقلىنىش ئىممۇنىتېتنىڭ ئاساسى» باش تېما قىلىندى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ ئوزۇقلۇق ئىلمى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاشپەزلەر جەمئىيىتى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئوزۇقلۇق ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ساغلاملىقى، ئوزۇقلۇق ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك كەسپىدە تاماق ئايرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جوۋ مېيلىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى بۈگۈندىن باشلاپ 5-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە ئومۇمىي خەلق ئوزۇقلىنىش ھەپتىلىكى ۋە «20-ماي» جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش كۈنىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، توردا ساغلاملىق بىلىملىرى قوللانمىسى تارقىتىش، توردا ئوزۇقلۇق ساغلاملىق تەشۋىقات سىنى تارقىتىش، ئوزۇقلۇق ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى توردا مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوزۇقلۇق ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ يېمەكلىك ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى غىزالىنىش ئاساسىي پىرىنسىپىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئۈچنى ئازايتىش» (ماينى ئازايتىش، تۇزنى ئازايتىش، شېكەرنى ئازايتىش)، تاماقنى بۆلۈپ يېيىش ۋە ئاممىۋى قوشۇق، چوكا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ساغلام يېمەك-ئىچمەك يېڭى ئىستىلىنى بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ