مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ ئىككى تۈرلۈك خىزمىتى گوۋۇيۈەننىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈشىگە ئېرىشتى

2020.05.11 16:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز يۈەن لېينىڭ 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2019 - يىلى ئالاقىدار مۇھىم، زور سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان جايلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، 2019 - يىلى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى سىجىل كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق ئالاقىدار مۇھىم، زور سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن 213 جاينى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇناسىپ ھالدا مەبلەغ، تۈر، يەر، ئىسلاھاتنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش قاتارلىق 30 تۈرلۈك مۇكاپاتلاش، قوللاش تەدبىرىنى قوللاندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىككى تۈرلۈك خىزمىتى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2019 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتا يىللىق پىلاننى تاماملىغانلىقى، نامراتلارنى ئازايتىشتا نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى، ئۇنىۋېرسال باھالاشتا ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشكەن. 2020 - يىلى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى تەقسىملىگەندە بەلگىلىك مۇكاپات بېرىدىكەن.

  «ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، كېرىيە ناھىيەسى يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە پائال، تەشەببۇسكار بولغانلىقى، نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشكەن. 2020 - يىلى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، مۇۋاپىق دەرىجىدە مۇكاپاتلايدىكەن ياكى مايىللىشىپ قوللايدىكەن.

  2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز 645 مىڭ 700 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان، 976 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرگەن، 12 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %6.1تىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %1.24كە تۆۋەنلىگەن. نامرات ئاممىنىڭ يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلماسلىقى، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلماسلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى بىرقەدەر ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

  يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، كېرىيە ناھىيەسى 57 مىڭ 80 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 1 مىليارد 834 مىليون 826 مىڭ 400 يۈەن مەبلەغ سالدى، 200 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كېرىيە ناھىيەسى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە تۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىپ، 2020 - يىلى قەرەلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ