مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلار نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى

2020.02.25 16:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدا ماشىنىلار گۈركىرىدى؛ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاينام-تاشقىنلىققا تولدى؛ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ كىيىم تىكىش ماشىنىلىرى ھەرىكەتكە كەلدى... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەر ۋە مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى پۇقراۋى كارخانىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى.

  بىخەتەر، تەرتىپلىك ھالدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

  2-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى ئايلانما ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا بىر قاتار تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆرۈنۈشى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئىشچىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ زاكاس مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماقتا ئىدى.

  ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى تېخى بىر ھەپتە بولمىغان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭ خەيلو قېلىپلىق ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى قىزىپ كەتكەن ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى شىن تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىركەت 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، ئالتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاچقان، ھازىر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ئايرىش ئۆيىگە ئېھتىياجلىق ئىشىك-دېرىزە ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋېتىپتۇ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 10 توننىغا يېتىدىكەن. «كېلەر ھەپتىگىچە، ھازىرقى ئاساستا يەنە ئالتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ئېچىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى شىن تاۋ.

  زاۋۇت سېخىدىن ئاڭلانغان كەپشەرلەش ئاۋازى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى كارخانىنىڭ قايتا ئىش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى، غۇلجا شەھىرى كۈنمو كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ئاق خالات پىششىقلاپ ئىشلەش(تىكىش) بىلەن ئالدىراش ئىدى؛ ئالتاي شەھىرى بەيچۈەن سۇلياۋ بۇيۇملىرى ياساش چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچىلەر شۇ جايدىكى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش تېمىتىپ سۇغىرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەتراپتىكى ھەر قايسى جايلارنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ياخشى ئىشلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى؛ شىنجاڭ كىروران كىيىم تىكىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ئامما ئىشلىتىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمىغان ئىدى...

  جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش

  2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ كېمىڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ شىركەت 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تولۇق ئاپتوماتلاشقان كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈنىگە 70 توننا كەسمە چۆپ ئىشلەپچىقىرماقتا.

  يېقىندا، بۇ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىكى شوخلا قىيامى، يېمەكلىك ياغ ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلاردىن جۇڭيا يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئېلياڭ ئورگانىك يېمەكلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتى. 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن بۇيان، شىنجاڭ شياۋچۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالتە تارماق زاۋۇتى ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر كۈنى تۈرلۈك مەھسۇلاتلاردىن 5000 يەشىك ئەتراپىدا ئىشلەپچىقارغان. شىنجاڭ تۇڭيىڭ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېشىل يول ئىلتىماس قىلىپ، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا تازىلىق ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، كۈنىگە 30 توننا دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتى، 20 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقارغان.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دولقۇنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ رۈييۈەن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سۈت، قېتىق، موما قاتارلىق مەھسۇلاتلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىلدى. رۈييۈەن سۈتچىلىك شىركىتىگە ئوخشاش قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. 2-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ تەرەققىيات رايونى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەخسۇس يىغىنى ئېچىپ، تەرەققىيات رايونىدىكى يېڭى بىر تۈركۈم تەييارلىقى تولۇق بولغان 29 كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى بېكىتتى.

  كارخانىلارنى پۈتۈن كۈچ قوللاش، ياردەم بېرىش

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى تارماقلار كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە نۇرغۇن ئەمەلىي ياردەم بەردى.

  ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى كەڭ ئاممىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىش ئورنىغا قايتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئايروپىلان ھۆددە مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، جايلاردىكى ھۆكۈمەت، كارخانا ئورۇنلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يولۇچىلارغا بىخەتەر مۇھىت ھازىرلاپ، يولۇچىلار بۆلمىسىنى پۈتۈن لىنىيەدە قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىندى، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقىدى ھەمدە ئىسپىرتلىق ھۆل قەغەزنى يېنىدا ئېلىپ يۈردى. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى بۇ قېتىم يولغا قويغان ئايروپىلان ھۆددە مۇلازىمىتى ئىشلەمچىلەر ۋە ھۆكۈمەت(سودا) خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئورنىغا، ئىش ئورنىغا، مەكتەپكە قايتقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار توپىغا ماس كېلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان خېرىدارلار توپىنىڭ ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پەرقلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ