خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-فېۋرال تەكلىپكە بىنائەن كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىۋاتقان ئالاھىدە پەيتتە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى مەخسۇس تېلېفون بېرىپ ھال سورىدى ۋە قوللىدى، مەن بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ يېقىن قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتەك دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ