خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-فېۋرال تەكلىپكە بىنائەن پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىش نۆۋەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشى. كەڭ تېببىي خادىملار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا، نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالى ۋەزىيىتىدە پائال ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بىز مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ جامائەت ساغلاملىقى جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ