خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان تېبىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش توغرىسىدا مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېببىي خادىملار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى تايانچ كۈچتۇر، ئۇلارنى قوغداش ۋە ئاسراش، ھەمدە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن مەدەت ۋە كاپالەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقى ۋە كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچى بىلەن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە داۋاملىق تۈردە ۋە ساغلام ھالدا ئۆزىنى بېغىشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قوماندانلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئارقا سەپ كاپالىتىنى ئىلمىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، تېببىي خادىملارنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، تۇرمۇش كاپالىتى، زۆرۈر بولغان دەم ئالدۇرۇش-تەرتىپكە سېلىش ۋە مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈشنى چوقۇم ۋاقتىدا كۈچەيتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، خۇبېي (ۋۇخەن)دىكى داۋالاش قوشۇنلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك ھالدا بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشىغا، كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا، ھەمدە ۋاقتىدا ۋە تېزدىن قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ