مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2020.02.25 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 114 كىشى نەق مەيداندا يىغىنغا قاتناشتى، 57 كىشى توردا سىن ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى، جەمئىي 171 كىشى بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىدىغان ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، كې لياڭدۇڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، باشقا تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا لى جەنشۇ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يادرولۇق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، بوران-چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ پائال ياخشىلىنىش ئەھۋالى كېڭىيىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ