مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، شۇگاڭ دوختۇرخانىسىدا پراكتىكا قىلىۋاتقان شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىلھام بەردى

خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايلارغا بېرىپ، رەھىمدىللىك بىلەن خەلققە بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك، دېدى ھەمدە ئۇلار ۋە زاڭزۇلار رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى

2020.02.24 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زاڭزۇ كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىل تەنتەنىسى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 21- كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۇگاڭ دوختۇرخانىسىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ شىزاڭنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلققە مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەمدە ئۇلار ۋە زاڭزۇلار رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى يازغان: ئاڭلىشىمچە، سىلەر بۇ 17 نەپەر ئوقۇغۇچى بېيجىڭدا كلىنىكا ساھەسى بويىچە پراكتىكا قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ھەم كلىنىكىلىق ئاساسىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش بويىچە ئۆزۈڭلارنى چېنىقتۇرۇپسىلەر، ھەم شىزاڭنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىغا ئۆزۈڭلارنى بېغىشلاش ئېتىقادىنى چىڭىتىپسىلەر. مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دوختۇر بولسا، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر. بۇ قېتىمقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە، ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى كەڭ تىببى خادىملار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۆز ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاق خالاتلىق پەرىشتىنىڭ ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشتەك ئالىيجاناپ روھىنى نامايەن قىلدى. ئىشىنىمەنكى، سىلەر چوقۇم ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ ۋە تىرىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ياخشى دوختۇر بولىسىلەر. سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتىنى قەدىرلەپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان جايلارغا بېرىپ، مېھرىبانلىق بىلەن خەلققە، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ