مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايونلارغا، دەرىجىگە ئايرىپ پەرقلەندۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.02.25 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە رايونلارغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خىزمەتنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جەڭ، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ