مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئەلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە دورىنى ئۈنۈملۈك قوللىنىشنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.02.21 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  2- ئاينىڭ 20- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تېببىي خادىملارنى قوغداش ۋە ئاسراش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللاش ۋە كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كىلىنىكىلىق ئۈنۈملۈك دورىلار ئارقىلىق بىمارلارنى قۇتقۇزۇشنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تىببىي خادىملار بولسا بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ يۇقۇمنى يېڭىشتىكى تايانچ كۈچتۇر. نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى قىسمەن تېببىي خادىملار بەختكە قارشى بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملاندى، ئۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمى 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن خۇبېيدا يۈز بەردى. نۆتەتتىكى ۋەزىپە يۇقۇملانغان تېببىي خادىملارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ، ئۇلارنىڭ قايتا يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قىسىمدىكى يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈپ، بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە تېخنىكا قوللانمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىكى نۇقتىلىق خادىملارنىڭ مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش ئورنىدا تۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولغان تېببىي خادىملارنىڭ نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىشىنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈستىدە تۇرىۋاتقان تېببىي خادىملارنىڭ مائاش تەمىناتى، ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم پۇلى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە ياردەم پۇلى قاتارلىق تەمىناتلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بولغان ئىنسانىي غەمخورلۇقنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ