مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئاچتى

2020.02.25 16:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، رايون، دەرىجە بويىچە پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇشتا قىلچە بوشاشماي، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلق جېڭى، ئومۇمىي جېڭى، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا، ۋىدىيو ئارقىلىق، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 1-سەپنىڭ ئېھتىياجى تەپسىلىي ئىگىلەندى، قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىشنى كۆپەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋۇخەن شەھىرى تۈر بويىچە قوبۇل قىلىپ داۋالاش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قازا قىلىش نىسبىتىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تۆۋەنلىتىپ، سۈنئىي يۈرەك-ئۆپكە ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ يۆتكەپ، كېسىلى ئېغىر بىمارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇشنى قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، يېنىك كېسەللەرنىڭ ئېغىر كېسەللەرگە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ ئۇچۇرلارنى ئاشكارا، ئېنىق، ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىشى، يوشۇرماسلىقى؛ ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى مۇۋاپىق تەڭشىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جايلار رايون، تۈر بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ئىلمىي، توغرا قىلىپ، ناھىيەنى بىرلىك قىلغان ھالدا پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلىشى؛ ياشانغانلار، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق توپنىڭ مۇداپىئە كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، خىزمەت سورۇنلىرى، سودا ساراي-تاللا بازارلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىسقا، ئاددىي، مەشغۇلاتى ئاسان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇداپىئەگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى، شياۋجيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى، سۈن چۈنلەن ۋىدىيو بىلەن ئۇلاپ تارقىتىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ