شى جىنپىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.02.24 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 23- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئۈچۈن 2- بەتكە قاراڭ). ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى گەرچە تارىختا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن بېسىلىپ پۈكۈلمىگەن، بەلكى قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇرلىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان. نۆۋەتتە، يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، چىشىنى چىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى داۋاملىق تۈردە بوشاشماي، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ۋە خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» تەدبىرىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىدىن، بولۇپمۇ خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ تېببىي خادىملار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، ھەر قايسى سەپلەردىكى يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىكى قېرىنداشلار، چېگرا سىرتىدىكى قېرىنداشلار، چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تۈرلۈك قوللاشلار بىلەن تەمىنلىگەن دۆلەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە دوستانە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا بەختكە قارشى قازا قىلغان قېرىنداشلار ۋە قۇربان بولغان تېببىي خادىملارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتارلىقلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ