مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى

چېن چۈەنگو دوكلات قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

2020.02.07 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 30- خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. 2- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 30- خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ شۆتاۋ سۆزىدە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قوللانغان تەدبىرلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇشتا ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكمۇ بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماي، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي، يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجە ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  ۋاڭ شۆتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ھەمدە نەتىجە ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە ئىلمىي ۋە تەرتىپلىك ھالدا ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە مەنبەدىن باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ۋە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ھەقىقىي تۈردە بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، تارقاقلاشتۇرۇپ كېسەل كۆرۈش، مەركەزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، داۋالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دورا ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش كېرەك. تەشۋىق-تەربىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنى ۋاقتىدا توغرا، ئاشكارا ۋە ئېنىق ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ ساغلاملىق ئىدىيەسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلىملىرى توغرىسىدىكى تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى جەھەتتىن ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرلىرى بويىچە پەرقنى تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، پۇختا مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىم ۋەزىپە ۋە زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، ئۇنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ ۋە ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي يوسۇندا ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي تۈردە، كۈچلۈك ئىرادە بىلەن، ھەمدە قىلچە بوشاڭلىق قىلماي ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك، ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك.ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، كۇڭ شىڭلۇڭ قاتارلىقلار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 30- خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئەزالىرى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ