مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جاڭ دۇڭبىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2020.01.20 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جاڭ دۇڭبىڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، جاڭ دۇڭبىڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقان، قىلچە سىياسىي ئاڭ يوق، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرۇپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى يوشۇرۇپ، خۇراپاتلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات، پۇل قۇبۇل قىلغان؛ كېڭىشىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى ئۆزىلا قارار قىلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتنى ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ تۆلىشىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ ھەق ئالغان؛ تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، ئەخلاقتا بۇزۇلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمدە زور سوممىلىق پۇل-مال قۇبۇل قىلغان»؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان.

  جاڭ دۇڭبىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتىگە چېتىلغان ھەمدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، خاراكتېرى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، جاڭ دۇڭبىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  جاڭ دۇڭبىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جاڭ دۇڭبىڭ، ئەر، خەنزۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭجىن ناھىيەسىدىن، 1959-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1976- يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  2006-يىلى 11-ئايدىن 2016-يىلى 12- ئايغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2016-يىلى 12-ئايدا بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) بولغان.

  (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ