مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2020.01.19 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخماننىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇلار ئېنىقلانغانكى، ئەنۋەر ئابدۇراخمان غايە-ئېتىقادىنى ۋە پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى يوقاتقان، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكلەرنى يوشۇرۇپ قېلىپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، سوۋغات پۇلى ئالغان؛ قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارنى ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلگە چىقىپ زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان؛ تۇرمۇشتا چىرىكلىشىپ، ئەخلاقى بۇزۇلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، خىزمەت يۆتكەش، تۈرنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمدە پۇل-مال ئالغان.

  ئەنۋەر ئابدۇراخمان پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ۋەزىپىدە تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېگەندەك جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ئەنۋەر ئابدۇراخمانغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مېلى دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ