خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ كېپىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ .
گاۋ كېپىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
گاۋ كېپىڭ، ئەر، خەنزۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مېڭيىن ناھىيەسىدىن، 1962- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، 1980- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
2016- يىلى 9- ئايدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى (نازىر دەرىجىلىك)، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ