مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ياش ئالىملارنىڭ 2019-يىللىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2019.12.19 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 17- كۈنى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ياش ئالىملارنىڭ «يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ روھنى تاۋلاش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش» باش تېما قىلىنغان 2019- يىللىق مۇنبىرى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ياش ئالىملار چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش داۋامىدا، ياخشى غوللۇق تايانچ بولۇپ، تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋە زور مەسىلىنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇشى؛ يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ غايىسى بىلەن ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتى بىلەن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىشى؛ ئۇلۇغ كۈرەش ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئامما ئارىسىغا بېرىش، كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. مۇنبەردە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ياش ئالىملارنىڭ جەمئىي 429 پارچە ئىلمىي ماقالىسى توپلاندى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 66 پارچە ماقالە مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە بولۇپ باھالاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ