مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

2019.10.10 15:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، شيا چىڭ

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايون يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەل قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئەمەلىي ئىشلارنىڭ بىرى قىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى تارماقلار مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈگۈننى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  ■ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئاچقۇچ. باش تېما تەربىيەسىدە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش داۋامىدا بايقالغان قىسمەن جايلاردا يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە بازار ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ زاكاز قىلىش، ئىش ئورنى بېكىتىش، نىشانلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 245 مىڭ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

  «يىپ ئېگىرىش سېخىنىڭ ئاساسلىق ئىش تەرتىپى سوزۇش، ئېشىش، يۆگەش ۋە يىپ شەكىللەندۈرۈش...» 9- ئاينىڭ 30- كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستى خاۋيۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىپ ئېگىرىش سېخىدا، تەربىيەچى خەلچەم قۇربان 40 نەپەر يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەۋاتاتتى.

  لوپنۇر ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ماھارەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ، تەربىيەلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. «بىز لوپنۇر ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى زاۋۇتىمىزدا ئۈچ ئاي تەربىيەلىنىپ، بىۋاسىتە زاۋۇتىمىزدا ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.» بايىنغولىن ئوبلاستى خاۋيۈ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جىيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، بۇ شىركەت ئەتراپتىكى يېزىلاردىن 200دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

  قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىش ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ماھارەتنى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئالاقىدار سىياسەت ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە چوڭ تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى بار ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، «بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئادەمنى تەربىيەلەش» تەلىپى بويىچە، تۈرگە ئايرىپ ئاساسىي ساپا تەربىيەسى، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

  باش تېما تەربىيەسىدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقالغان بىر قىسىم چەت، يىراق تاغلىق رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كۆز قارىشى قالاق بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، مەخسۇس خادىم تەشكىللەپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ بېيىغان ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەنگەندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلدى.

  ■ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش

  باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شەھەر - بازار، كارخانا، كەسىپلەر باغچە رايونلىرىغا بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرى جايلاردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەردىكى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرگە بىر تۈركۈمنى يۆتكەپ يۇغۇرۇش ئارقىلىق، ئومۇمەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، بەلگىلىك ماھارەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئەمگەكچىلەرگە قارىتا، يۆتكەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يۆتكەش، يۆتكەشكە بولىدىغانلىرىنى يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  «مەن كەنتىمىزدىكى ئاياغ زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، ئايلىق مائاشىم 3000 - 2000 يۈەن ئەتراپىدا، يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.» 10- ئاينىڭ 5- كۈنى، خوتەن ناھىيەسى سېغىزكۆل يېزىسى قۇمباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مېھرىگۈل روزىمەمەت خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا پۈتۈن كەنتىمىزدىن 21 كىشى بۇ ئاياغ زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتىدۇ، دېدى.

  باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار كارخانا، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، «سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش + ئىش ئورنى يارىتىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرون قۇراشتۇرۇش، ئاياغ تىكىش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن زور بىر تۈركۈم كارخانىنى خوتەندە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشىكى ئالدىدىلا خىزمەت تاپالايدىغان قىلدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ۋىلايەتتە ئاياغ كارخانىسىلا 67گە يېتىپ، ئىشلەمچى خادىمدىن 23 مىڭنى قوبۇل قىلدى.

  باش تېما تەربىيەسىدە، شىنجاڭ جۇڭتەي شىڭۋېي بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى پارتكومى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ، مەسىلە تىزىملىكى شەكىللەندۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەش لايىھەسى تۈزدى. «شىركىتىمىز شىنجاڭ جيېكاڭدا قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى 4000دىن كۆپرەك يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى شىنجاڭ جۇڭتەي شىڭۋېي بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىر ياردەمچىسى جاڭ جىشېڭ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 8- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 237 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %82.8ى ئورۇندالغان؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 62 مىڭ 247 ئادەم تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %155.6 ئورۇندالغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ