مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تۇرمۇشىدىكى بەخت - سائادەت قەلب ئېتىزلىرىنى سۇغاردى

2019.10.10 15:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاقچى ناھىيەلىك نەسىللىك فېرما ھۈسەنگۇش كەنتىدىكى 84 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بىبىش قۇرمانجان ئۇچرىغانلا كىشىگە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ۋەتىنىمىز گۈللىنىپ روناق تاپتى، بىزنىڭ كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ!»

  بەخت ياشىنىپ قالغان بىبىش بوۋاينىڭ تۇرمۇشقا بولغان تەسىراتى، شۇنداقلا 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇياش نۇرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چېچىلىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا خاتىرجەم ياشايدىغان يېڭى مەنزىرە نامايان بولدى.

  ■ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

  «بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمىدا، مەن ۋە خوتۇنۇم شىركەت تارقاتقان پاراۋانلىق پۇلىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇرتقا قايتىپ ئاتا - ئانىمىزنى يوقلىدۇق، ئاتا - ئانىمىز بەكلا خۇشال بولدى» دېدى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى ئابدۇلئەخەت مەتتۇرسۇن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئابدۇلئەخەتنىڭ ئۆيى كېرىيە ناھىيەسىدە. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ، ئۇ ۋە خوتۇنى دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ مۇقىم خىزمىتى، مۇقىم كىرىمى بار، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى.

  «تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىنى قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ شىنجاڭنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، كۈچەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى بەخت - سائادەتنى ئاشۇرۇشنى تەرەققىياتتىكى تۈپ مەقسەت قىلىپ، خەلق ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلەردىن قول سېلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ قۇرۇلۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپ ئارقىلىق ئەل قەلبىنى ئىللىتتى، ئەل قەلبىنى خاتىرجەم قىلدى، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 237 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %80تىن كۆپرەكى ئورۇندالغان؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %155.6ى ئورۇندالغان.

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىگەندە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى: ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ نوپۇستىكى ئاھالىلەرنى تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 15 قېتىم ئۆستۈرۈلدى؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ۋە ياردەم پۇلى سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى... ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇدا كۆپ يىللىق خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتى، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا خەلق تۇرمۇشى يۆگىمە رەسىمى ئىللىق، گۈزەل كۆرۈندى. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى قالما كەنتىدە 205 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بالىلار يېقىن ئەتراپتىكى يەسلى ۋە مەكتەپلەردە خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. بالىلار بېقىلىدىغان بولدى، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولدى، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولدى، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولدى، كىشىلەر خاتىرجەم ياشايدىغان، كۈنلىرى بارغانسېرى خاتىرجەم ئۆتىدىغان بولدى.

  ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر مىللەت ئامما دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ۋەتەن بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

  ■ ھەربىر كىشىنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قۇياش نۇرىدىن بەھرىمەن قىلىش

  «بەختكە يارىشا دۆلەتنىڭ <ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم> ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسىتى بولغاچقا، مەن ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالىدىم.» 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى پاتەم قۇرباننىڭ سۆزىدىن مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

  پاتەم بۇلتۇر ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى شىسىنى پۈتكۈزگەن، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدۇ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ۋە كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭغا ئوخشاش، ئاپتونوم رايوندا يىلدا تۈمەنلىگەن نامرات ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا ئوقۇشىنى تاماملاۋاتىدۇ، پەقەت 2018 - يىلىلا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 5 مىليارد 854 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ تەخىرسىز خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەربىر كىشىنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇياش نۇرىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان قىلدى.

  بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ ئۆيى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى ئۇسۇلۇش كەنتىدە بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە، ئىلگىرى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغانلىقتىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالمىغانىدى. لېكىن ئۇ، بۇ يىلنىڭ يىل بېشىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويۇپ، 60 ياشتىن ئاشقان نامرات نوپۇسنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇش تەمىنات سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا ئالالايدىغان بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 6 - ئايغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.64 بولغان، 60 ياشتىن ئاشقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان.

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل 6 - ئايغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە «ئۈچ بىر تۈركۈم» ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، چوڭ كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان نامرات نوپۇسقا «تىرەك» بولدى.

  نامرات نوپۇسنىڭ «كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېزىلاردىكى نامرات نوپۇس ئىچىدىكى چوڭ كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىرىدىن «داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تورى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇياش نۇرى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە ئىللىقلىق يەتكۈزمەكتە.

  ■ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش

  «ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئانام ئاغرىپ قېلىپ داۋالىتىشقا توغرا كەلدى، يېشى چوڭىيىپ قالغاچقا ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ئىدى، مەن يان تېلېفون APPسى ئارقىلىق زاكاز چۈشۈردۈم، دوختۇرخانىدىكى سېسترالار ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ مۇلازىمەت قىلدى، ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى جۈن ماختاپ تۇرۇپ.

  لى جۈن ئېيتقان سېسترالار بىلەن توردا كېلىشىش مۇلازىمىتى ئاپتونوم رايونىمىز ئالغا سىلجىتقان «ئالاقە تورى + داۋالاش، ساغلاملىق»نىڭ بىر تۈرلۈك مەزمۇنى. ماددىي تۇرمۇشنىڭ بېيىشىغا ئەگىشىپ، خەلق تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلماقتا.

  يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، سىنلىق دىياگنوز قويۇش، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىمى مۇلازىمىتى... داۋالاش، ساغلاملىق بىلەن ئالاقە تورى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان يېڭىچە داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئەندىزىسى كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش چۈشەنچىسىنى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتمەكتە. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كېلىشىم ئىمزالىغان دوختۇرى بار، يەنە بىزگە ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزدى» دېدى بىبىش بوۋاي پەخىرلەنگەن ھالدا.

  ئاقىل مەكتەپ، يۈرۈشلەشكەن سىنىپ، بىۋاسىتە تارقىتىش دەرسخانىسى... مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تور لىنىيەسى شەھەر - يېزىلاردىكى دەرسخانىلارنى تۇتاشتۇردى. يىراق مۇساپىلىك سىستېما ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى بالىلار ئۈرۈمچىدىكى ھەتتا ئىچكىرىدىكى بالىلار بىلەن ئوخشاش دەرسكە قاتنىشىپ، ئەلا مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بولدى.

  «6- سۇغۇرتا» دەپ ئاتالغان ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى يېزىدىن چىقماي تۇرۇپلا تولۇقلاپ بېجىرىلدى، ئالماشتۇرۇلدى، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئىمزا قويۇپ تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... تېخىمۇ مۇكەممەل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ۋە تېخىمۇ قولايلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتى ئاممىنىڭ بەختنى ھېس قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ