مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىققەتنى ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈش مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش

2019.10.10 15:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  − بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ يىگۇاڭ

  2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تۆت يۈرۈش بەنزە ھەم قارىمىقىدىكى تۆت ناھىيە (شەھەر)، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق 77 تارماق (ئورۇن)تىكى 571 نەپەر ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىر، 22 يېزا (بازار، مەيدان)، ئالتە كوچا باشقارمىسى، 1704 ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى، 28 مىڭ 600 نەپەر پارتىيە ئەزاسى - كادىر ئەينەن ئۆگىنىپ، رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، نەزەرىيە ئارقىلىق بۇرچنى يېتەكلەپ، پۇختا خىزمەت ئىستىلى، ئۈنۈملۈك خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتتى.

  ■ ئۆگىنىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇش بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى قاپلاش

  باش تېما تەربىيەسىدە، بورتالا ئوبلاستى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، كۆپ خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  بورتالا شەھەرلىك پارتكوم تۆت يۈرۈش بەنزىنى ياخشى تۇتۇش ۋە يولغا قويغان ئورۇنلار بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە سېلىشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ھەرقايسى كەنت، ئەترەت، مەھەللە پارتىيە (باش) ياچېيكىلىرى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى مەركەزلىك ئۆگىنىشىگە ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈردى؛ دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە ياچېيكىلىرى، پارتىيە ئەزالىرى سانى بىرقەدەر كۆپ يېڭى گۈللەنگەن تەشكىلاتلار پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى جىداۋيۈەنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەركەزلىك ئۆگەندى؛ پارتىيە ئەزالىرى سانى بىرقەدەر ئاز ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى مەھەللىلەرنىڭ بىرتۇتاش پىلانلىشىدا مەركەزلىك ئۆگەندى. مەركەزلىك ئۆگىنىشكە ۋاقتىدا قاتنىشالمايدىغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا، مەركەزلىك دەرس تولۇقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى تولۇقلاتتى؛ ياشانغان، تېنى ئاجىز، ھەرىكىتى قولايسىز پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا، تەشكىلىي مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسى ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۆگىنىشنى يەتكۈزدى؛ چارۋىچىلىق رايونىدىكى چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا، پارتىيە ئەزالىرى مەركىزىي ئائىلىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ تەۋەلىككە ئايرىلىپ مەركەزلىك ئۆگەندى ياكى سەييارە ئۆگىنىشنى يەتكۈزدى. نۆۋەتتە، بورتالا شەھىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە 680 پارچە، قازاقچە 430 پارچە زۆرۈر ئوقۇشلۇققا مۇشتەرى بولۇپ بەردى.

  ئالاتاۋ شەھىرى مەركەزلىك ئۆگىنىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئاساسىدا، تەربىيەنى ئاشكارا تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، دۆلەت دەرۋازىسى، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسى قاتارلىق شۇ جايدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلار، قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى. دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئالاتاۋ شەھىرىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىڭتۇەن 5- شىسى 90- تۇەنى پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەر قاراۋۇلخانىسى خارابىسى، جانباس چېگرا مۇداپىئە ليەنى قاتارلىق قىزىل تەربىيە بازىسىغا بېرىپ قەھرىمانلار، قۇربانلارنى ياد ئېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  جىڭ ناھىيەسى سەككىز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا (بازار، مەيدان) ۋە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئالاقىلىشىپ، ھەپتىلىك خىزمەت قەرەللىك يىغىنى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە كۆرسەتمە بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتتى. خىزمەت قەرەللىك يىغىنى ئېچىش، خىزمەت ئەسكەرتمىسى تۈزۈپ تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نۇقتىلىق ۋەزىپە جەدۋىلى تۈزدى، باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلدى.

  ■ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەش

  باش تېما تەربىيەسىدە بورتالا ئوبلاستىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇش، ئۆگىنىش - تەربىيەنى پۇختا تۇتۇش ئاساسىدا، مەسىلىگە ئاتلىنىپ، مەسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزەتتى.

  بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، چىن كۆڭۈل، سەمىمىي نىيەت بىلەن ئاممىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىپ بەردى. تەۋەلىكتىكى سودىگەرلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن بالدۇر قويۇپ بەرگەندىن كېيىن قارايدىغان ئادەم يوق بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، كوچا باشقارمىسى «سائەت 6:30 دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، 30 نەچچە سودىگەرنىڭ بالىسىنى ئۆگىنىش مەيدانى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئارشاڭ ناھىيەسى دالىمتى يېزىسى چارۋىچىلىق كەسپىنى ئاساس قىلغان چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىسى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ يېزا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، يېزىلىق پارتكوم بەنزىسىنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەپەككۇر يولى تېخىمۇ ئېنىق بولدى. چارۋىچىلىق رايونىنى تېخىمۇ گۈزەل، چارۋىچىلارنى تېخىمۇ باي قىلىش ئۈچۈن، يېزىلىق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  جىڭ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ماندان يېزىسى قار تۆرە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، 420 مىڭ يۈەن خەلق تۇرمۇشى تۈرى مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ كەنتنىڭ كوچا يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇردى. قۇرۇلۇشتا 9- ئاينىڭ 25- كۈنى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بىر ھەپتە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە، يېپيېڭى ئاسفالت يول ياسىلىپ ئىشلىتىلدى.

  نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا زىچ ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان 200دىن ئارتۇق گەۋدىلىك مەسىلىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ