مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش دوكلات يىغىنى ئاچتى

2019.09.30 09:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش دوكلات يىغىنى ئاچتى.

  يىغىندا، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى ۋاڭ خەنجۇڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپ ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ چياڭيۈن، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دېڭ مىڭجياڭ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى كېۋەز تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى فۇگۇاڭ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لى شېڭلىلار ئايرىم - ئايرىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېزىلاردىكى 1 - ، 2 - ، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ مەخسۇس دوكلات بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، تارماقلار قايتا - قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ دوكلات مەزمۇنىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ «يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، خاس ئەۋزەللىكنى تەھلىل قىلىپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تېپىپ چىقىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دوكلات يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى كونكرېت ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سو يۆ، كۇڭ شىڭلۇڭ، ئىلھام سابىر دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ