جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردىنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردىنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2019.09.30 11:22 مەنبە: خەلق تورى

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردىنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردىنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا قەھرىمانلار مەيدانغا كېلىدۇ، قەھرىمان بولۇشقا تىرىشقاندىلا قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ. قەھرىمان نەمۇنىچىلار ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئۇلۇغ ئىش ئاددىي ئىشتىن كېلىدۇ، ئاددىي ئىش ئۇلۇغ ئىشنى يارىتىدۇ. مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد توختىماي كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە بولۇپ، ھەربىر ئادەتتىكى ئىشنى پۇختا، ياخشى قىلغاندىلا، بارلىق ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قالتىس ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ، بارلىق ئادەتتىكى خىزمەتلەر قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى توختىماي كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىلىدۇ. يېڭى دەۋر ئىستىقبالى پارلاق دەۋردۇر. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش چىڭ تۇرۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا ئوخشاش كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇلۇغ زەپەر مارشىنى ئورتاق پۈتۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ