خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىدىكى تىكتاك توپ تەنھەرىكەتچىسى روي رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى تىكتاك توپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9- ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رويغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنى جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
شى جىنپىڭ خېتىدە بۇلتۇر پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسىدە زىيارەتتە بولغاندا روي ۋە سەپداشلىرىنىڭ جۇڭگولۇق تىرېنېر بىلەن مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىكى مەنزىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەپ، روي ۋە پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ تىنچ ئوكيان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. روي ۋە پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى تىكتاك توپ كوماندىسىنىڭ يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
جۇڭگو تىكتاك توپ شۆيۈەنىنىڭ مەشىق قىلدۇرۇشى ئارقىلىق، پاپۇئا يېڭى گۋىنېيەسى تىكتاك توپ كوماندىسى بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچ ئوكيان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىشتەك تارىخىي ياخشى نەتىجە يارىتىپ، شۇ جايدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ