مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2019.09.30 11:24 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك تېلېگراممىسى

  جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ بارلىق تەنھەرىكەتچىلىرى، تىرېنېرلىرى:

  2019-يىللىق ئاياللار ۋالىبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە سىلەر ئۇدا 11 قېتىم غەلىبە قىلىشتەك پەخىرلىنەرلىك نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇدا چېمپىيون بولۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە شەرەپ كەلتۈردۈڭلار. سىلەر مۇسابىقىدە كۈچلۈكلەردىن قورقماي، جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇسلۇب ۋە سەۋىيە يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىدىغان ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى روھىنى تولۇق نامايان قىلدىڭلار. مەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

  بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر دەل پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن. سىلەرنىڭ داۋاملىق كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2019-يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپيون بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا چىمپيون بولدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، تىرېنېرلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ