مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ رۇسىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى

2019.09.29 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋوروكىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 25- سېنتەبىردىن 28- سېنتەبىرگىچە رۇسىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، موسكۋادا زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى، فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتۋىيېنكو ۋە ۋوروكىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆھبەتلەشتى ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە پارلامېنت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. روسىيە رەھبەرلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. لى جەنشۇ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى. ئىككى تەرەپ يەنە جۇڭگو-روسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، لى جەنشۇ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسەكلىككە يېتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە ۋە تېخىمۇ زور تەرەققىياتتىكى يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىر-بىرىنى تېخىمۇ قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يېڭى يۈكسەكلىككە، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. پۇتىن لى جەنشۇ ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭغا ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: روسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ بىرى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھازىرقى ئاساستا، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ