مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ داچىڭ نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

داچىڭ روھى ۋە تۆمۈر ئادەم روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈلگە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، 100 يىللىق نېفىتلىك زور مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك

گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.09.27 14:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: داچىڭ نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن داچىڭ نېفىتلىكىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نېفىت چارلاش ئىستراتېگىيەسىنى شەرققە يۆتكەشتىن ئىبارەت مۇھىم تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كەڭ نېفىت ۋە گېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، داچىڭ نېفىتلىكىنى بايقىدى. بۇ جۇڭگو نېفىت ئېچىش تارىخىدا تارىخىي بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولدى. 60 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد داچىڭلىقلار جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، قەدىمكى چۆللۈكتە ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى. داچىڭ نېفىتلىكىنىڭ ئاجايىپ تۆھپىسى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي ئابىدىسىگە ئويۇلدى، داچىڭ روھى ۋە تۆمۈر ئادەم روھى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ روھىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ