مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش كېرەك

_ _ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرىسى

2019.09.27 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى.

  مىللىي مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىشى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەزمۇنى بولۇپ كەلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا ۋە مىللىي رايونلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلماقتا.

  بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەش--

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىدىكى زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

  دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، كۆپ مىللەت دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ پايدىلىق ئامىل. كۆپ مىللەتلىك بۈيۈك بىرلىك ۋە ھەر قايسى مىللەتلەر بولسا كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە بولۇپ، ئۇ، ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مۇھىم بايلىق، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى. ھەر قايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى ۋە بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، ئۇزاق جۇڭگو تارىخى ۋە پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتتى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا ئورتاق يېتىلدۈرگەن، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغان.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قىياپىتى، مىللىي مۇناسىۋەت قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

  ھازىر دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، مىللەتلەر خىزمىتى نۇرغۇن يېڭى باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكلەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ يېڭى دەۋردە مىللەتلەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشىنى بەلگىلىگەن.

  يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، يىراقنى كۆزلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى _ _ _

  مىللىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ