مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

2019.09.29 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن چياۋمىنلار ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە 9 –ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «جۇڭگو مۆجىزىسى»نى يارىتىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتەك ئۇلۇغ زەپەر مارشىنى پۈتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبال نامايان بولدى. 70 يىلدىن بۇيان، كەڭ شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار باشتىن – ئاخىر ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. نەتىجىنى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ياراتقان، شەرەپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلارغا مەنسۇپ.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى. يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق قاينام-تاشقىنلىق يىللىرى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، مۇۋەپپەقىيەتكە تۇتىشىدىغان يول ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ ئۇنداق ئاسان روياپقا چىقمايدۇ، لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىلا بولىدىكەن ھەرقانداق كۈچ بىزنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزنى توسۇيالمايدۇ. نىشانغا يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى شۇنچە مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ