جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى «كۈرەش قىلايلى، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى!» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار بۇ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى

2019.09.30 10:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 70 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىش، 70 يىللىق ئۇلۇغۋار مۇساپە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى «كۈرەش قىلايلى، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى!» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى 29- چېسلا كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 4000دىن ئارتۇق تاماشىبىن بىلەن بىرلىكتە بۇ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى ئورتاق تەبرىكلىدى.

  خەلق سارىيىدا ھەممە يەردە كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى. ئىككىنچى قەۋەتتىكى پەشتاققا ئېسىقلىق لوزۇنكىلاردا "يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەيلى!" دەپ يېزىلغان شۇئارلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. يىغىن زالىنىڭ ئۈستىدە رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن قىزغىن كەيپىيات يارىتىلغان. ئىككى قىزىل بايراق شەكلىدىكى سەھنە تېمى سەھنە ئېغىزىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، 36 ھۆرمەت قاراۋۇلى ئىككى ياندا سەپ بولۇپ تىزىلغان.

  سائەت 19 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇشال-خۇرام مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يىغىن زالىغا كىرىپ، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ھەمدە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىشلار ياڭرىدى.

  «كومپارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى. . . » كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مېلودىيەنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، «كۈرەش قىلايلى، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى!» ناملىق چوڭ تىپتىكى مۇزىكا-ئۇسسۇل داستانىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى.

  بۇ ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىدە «كۈرەش» ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ جەمئىي چوڭ تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ