ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشى، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك

2019.09.29 14:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

  ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشى، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك

  لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى

  9- ئاينىڭ 27- كۈنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  9- ئاينىڭ 27- كۈنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، ۋاڭ چى) مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ زور بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

  يىغىنغا لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر تەقدىرلەندى، 665 نەمۇنىلىك كوللېكتىپ، 812 نەمۇنىچى شەخس تەقدىرلەندى. شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە بەردى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتى سېپىدىكى يولداشلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 70 يىل ئىلگىرى، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى جۇڭگونى ئورتاق قۇرغانىدى. پارتىيەمىز ئىجادىي ھالدا ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى بېكىتتى، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى دۆلەت قۇرۇشنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئورناتتى، ھەر مىللەت خەلق تارىختا تۇنجى قېتىم ھەقىقىي تۈردە باراۋەر سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشتى، ئورتاق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولدى، كونا جۇڭگونىڭ مىللىي زۇلۇم، جېدەل - ماجىراغا تولغان ئازابلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى دەۋرنى ئاچتى. 70 يىل ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىياپىتىدە، مىللىي رايونلارنىڭ قىياپىتىدە، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىلدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ، 70 يىلدىكى تەجرىبىلەرنى ئەستە چىڭ ساقلىماي بولمايدۇ. بىز دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى قىلىمىز؛ ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي ماڭىمىز؛ مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن ئاپتونومىيەنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز؛ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى قۇرۇپ چىقىمىز؛ ھەرقايسى مىللەتلەر قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز؛ ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىيات داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ھەم تومۇرداش قىلىمىز ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىمىز؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى بىپايان، ئۇزاق مەدەنىيلىككە ئىگە. جۇڭگو تارىخى دەل ھەرقايسى مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ، توپلىنىپ شەكىللەندۈرگەن كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، دەل ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى. بىزنىڭ بىپايان زېمىنىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، بىزنىڭ ئۇزاق تارىخىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق پۈتكەن، بىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، بىزنىڭ ئۇلۇغ روھىمىزنى ھەر مىللەت ئورتاق يېتىلدۈرگەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن بولۇشى ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان مول مىراس، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشىمىز، كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئۆگىنىشنى ھەمدە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى كۈن كەچۈرۈشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»نى «بايلىق»قا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى شان - شەرىپى ۋە ئارزۇسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى قۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، تارىخ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مىللىي رايونلاردا ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەربىر بالىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا چېچىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئورگانلارغا كىرىشى، كارخانىلارغا كىرىشى، مەھەللىلەرگە كىرىشى، يېزا - بازارلارغا كىرىشى، مەكتەپلەرگە كىرىشى، ليەندۈيلەرگە كىرىشى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرىشى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مىللەت ئامىلىغا چېتىشلىق دېلو، ۋەقەلەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشى، مەجبۇرىيەتنى باراۋەر ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ساقلىنىش، قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇشى كېرەك. مىللەت ساھەسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە مەسىلىسى ۋە مۇھىم، زور رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر خىزمىتى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىل، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولىدىغان ئومۇمىي تەلەپ ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، ھەر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن «گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.

  تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى قىسمەن ئەزالار، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ