ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدۇ
شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ
2019.09.29 15:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت تەسىس قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە تيەنئەنمېن مەيدانىدا خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىدۇ.
ۋاقتى كەلگەندە، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ