جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، ھەربىي پارات، ئاممىۋى نامايىش ۋە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ
رادىيو، تېلېۋىزىيە، ئاخبارات تور بېكىتى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ
2019.09.30 11:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ، ئارقىدىن كاتتا ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ. رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاخبارات تور بېكىتى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنى، ھەربىي پارات ۋە ئاممىۋى نامايىشنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ