مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى خەلق رازى مائارىپ بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

2019.08.30 09:35

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

  باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى خەلق رازى مائارىپ بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاسىلاتنى ئېدىتلاپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ 5- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يىغىنغا قاتناشتى ھەم باھا بەردى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، بەنزە ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ پىكىر توپلاپ، سىردىشىش - سۆزلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل يېزىپ، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا ياخشى ئاساس سالدى. يىغىندا بەنزە ئەزالىرى مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا يوشۇرماي، ياپماي، ھەم نەزەرىيەدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى، خىزمەتتىكى ئاجىز تۈرلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ھەم ئىدىيەدىكى پەرقلەرنى، ئىستىلدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، ئىدىيەنى تونۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئۆزئارا تەنقىد قىلىشتا سەمىمىي بولۇپ، كۆكسى - قارنىنى كەڭ تۇتۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي كۆرسىتىپ، ھەقىقىي مەسىلىنى كۆرسىتىپ، يۈزىنى قىزارتىش، تەرلىتىش ئۈنۈمىگە يەتتى.

  لى پېڭشىن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى پايدىلىنىش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۆمۈرلۈك زۆرۈر ئوقۇشلۇق قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەتكە ئاتلىنىش كېرەك؛ تۈپ مەقسەتنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق رازى مائارىپ بەرپا قىلىش كېرەك؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىپ، ئىزچىل ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مائارىپنى باشقۇرۇش تەلىپىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە، ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلىنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىش بىلەن مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسى قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، خەلق رازى مائارىپ بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ