مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك

2019.08.30 09:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- 2020 ئوقۇش يىلىلىق ئوقۇش باشلاش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدىھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- 2020 ئوقۇش يىلىلىق ئوقۇش باشلاش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، كۈزلۈك ئوقۇش باشلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈز پەسىللىك ئوقۇش باشلاش تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ئوقۇش يىلىدا پۇختا باشلىنىش، پۇختا قەدەم ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇتقۇچىلار، دەرسلىك، دەرسخانا، ئوقۇتۇش بايلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى خىزمەتلەرگە ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئوقۇش باشلاشنى پۇرسەت بىلىپ، ئوقۇش باشلاش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە تارىخىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى، مەكتەپ ئەھۋالى، مەكتەپ تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرى بولۇشقا ئىرادە باغلاشقا يېتەكلەش كېرەك. بىخەتەرلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ قورۇسىنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق چەكلەپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «يۈكىنى يېنىكلىتىش»كە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قاتتىق تۇتۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە ھەقىقىي ياخشى جاۋاب بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار بارلىكى جايدا پارتىيەنىڭ تەشكىلاتى بولۇش، مائارىپ بولغانلىكى جايدا پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتى قوشۇنىنى كۈچلۈك سەپلەپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلىنى يېتىشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى زىچ چۆرىدەپ، «مەن ۋە ۋەتىنىم» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ