مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر بىر پۇڭ پۇلنىمۇ ئاممىغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

2019.08.30 09:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىپ ئەسقېتىشىغا تۈرتكە بولۇش

  ھەر بىر پۇڭ پۇلنىمۇ ئاممىغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: «ئائىلىمىزدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئىدى، ھۆكۈمەت تارقاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بولغاچقا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېدى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەمدىلا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالغان قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى باشسوزاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەختىيارگۈل يۈسۈپ خۇشال ھالدا.

  مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، قەشقەر شەھىرى خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى «ئومۇمەن كىرگۈزۈلگەنلەرنى جەزمەن تەكشۈرۈش» ۋە «كاپالەتلەندۈرۈلگەنلەرنى جەزمەن تەكشۈرۈش»نى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىيلاشقان كارتىغا ئۇرۇپ تارقىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇياش نۇرى تۆۋەن كاپالەت قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويدى. 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ راست نام تۈزۈمى بويىچە ئارخىپ ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، بەختىيارگۈلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 781 ئائىلىدىكى 1708 قىيىنچىلىقى بار ئامما قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا سىستېمىسى، خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى قاتارلىقلار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ساھەسىدىكى سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەپ، ھەر بىر پۇڭ پۇلنىمۇ ئاممىغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 28 تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىگە قارىتا، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «يېزىلاردا كەنتنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، كەنتلەردە ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئائىلىلەردە ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئادەملەردە تۈرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى ھەم بەش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ نۇقتىلىق ئارىلاپ تەكشۈردى. «پۇل نەدىن كەلدى» «قەيەرگىچە تارقىتىلدى» «قانچىلىك تارقىتىلدى» دېگەنلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ھەممىباب كارتا»نى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش جەھەتتە ساقلانغان «كۆپ تارماق سىياسەت چىقىرىش» «كۆپ بانكا كارتا تارقىتىش» «ئادەم بىلەن كارتىنى ئايرىۋېتىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىدى.

  «نۆۋەتتە، بىز چېتىلىدىغان 11 مەسئۇل تارماقتىن باشقۇرۇش چارىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، <ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسىنى تارقىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى> <ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسىدا <ھەممىباب كارتا>نى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش>نى چىقىرىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى تارقىتىشنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز ۋە كاپالەتلەندۈرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى «ھەممىباب كارتا»نى مەخسۇس تۈزەش - ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ لىن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى «تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى» «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى» «ئوتلاق ئېكولوگىيەسى ياردەم پۇلى، مۇكاپاتى»نى نۇقتىلىق چۆرىدەپ مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى. ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى تارقىتىش قېلىپلاشماسلىق، ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى تارقىتىش كارتىسى كۆپ بولۇش ھەمدە ئايرىملىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، بىرنى تۈزەتتى، بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈردى. باڭ چىقىرىپ ئېلان قىلىش، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا نازارەت قىلىش، تارقىتىش ھالقىسى قاتارلىق جەھەتلەردە، قاراتمىلىق ھالدا قائىدە - تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم يوچۇقىنى ئەتتى، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشتىكى خىرە نۇقتىلارنى تۈگەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پىلان - مالىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو شىنجېڭ مۇنداق دېدى: «بىز قەرەلسىز ھالدا يېزىلارغا چۈشۈپ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ياردەم پۇلىنى قانات يايدۇرۇشىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك ئېلىپ بارىمىز، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ